"سوتسيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" دېگەن سىياسەت ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا قانداق ئىجرا قىلىنىدۇ؟ (1)

0:00 / 0:00

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇخې ئەپەندى خىتاينى تەرەققى قىلدۇرۇش دېگەن تېما بويىچە ئېچىلغان 2006 ‏- يىللىق مۇھاكىمە يىغىنىدا "كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە 300 مىليون دېھقان شەھەرگە كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈش جەريانىدا يەنە بىر مۇنچە مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ" دېگەن.

خىتايدا ھازىر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان "يېڭى يېزا قۇرۇش" دېگەن سىياسەتنىڭ تەپسىلى مەزمۇنلىرى نېمە؟ ئۇيغۇر ۋە خىتاي مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداق؟