
ئۆزبېكىستان زامانىۋى ناخشىچىلىقىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، مەركىزىي ئاسىياغا كەڭ تونۇلغان ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرۈنمەيۋاتقانلىقى ۋە تۈرلۈك بايرام-مۇراسىم پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلمايۋاتقانلىقى بىلەن جامائەت ئارىسىدا ئۇنىڭ تەقىپلەشلەرگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار پەيدا بولغان.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بولغان باستۇرۇشنى شۇنىڭدەك ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئىسلام كەرىموپ تۈزۈمىگە نىسبەتەن نارازىلىق خاھىشلىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى پىكىرلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن يوقالغان يۇلتۇز
ئۆتكەن يىلىدا ئەنجاندا يۈز بەرگەن باستۇرۇشتىن كېيىن، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىدىن كۆپرەك ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان ئۆزبېكىستاندا ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنسايىن قىيىنلىشىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك كۆپلىگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ تەقىپلەشلەرگە ۋە تۈرمە جازالىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھېچ كىمگە سىر ئەمەس. ھۆكۈمەتنىڭ جەمىيەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ساھەسىدىن ھالقىپ، ئەدەبىيات –سەنئەت ساھەسىگە نىسبەتەنمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسماننىڭ تەقىپلەشكە ئۇچرىشى بولسا كېرەك؟
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، يۇلتۇز ئوسمانوۋا يېقىنقى بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرۈنمەس بولۇپ قالغاندىن سىرت يەنە مىللىي بايرام-مۇراسىملارغا ئىشتىراك قىلمىغان.
بۇ ئەلۋەتتە، ھەر كۈنى دېگۈدەك يۇلتۇز ئوسمانوۋانى تېلېۋىزور ئەركانلىرى ھەم مۇراسىملاردا كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلغان. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يۇلتۇز ئوسمانوۋا ئۆزىنىڭ تەقىپلەشكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادقا قىلغان سەپىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇلتۇز ئوسمانوۋا ئاشخابادنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ ناخشىلىرى رادىئو-تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق تارقىتىلىش شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھەققىدە مەتبۇئاتلاردا بىر نەرسە ئېلان قىلىش مەنئىي قىلنغان.
يۇلتۇز ئوسمانوۋا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قىلىشىدىن ئەپسۇسلانغان لىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۆزىنى ياخشى قارشى ئالغان تۈركمەنىستان خەلقىنى ئۆزبېكىستان خەلقى نامىدىن تەبرىكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. كېيىن مەخسۇس ئادەملەر كېلىپ، ئۇنى تۈركمەنىستانغا بېرىش ۋە باشقا مەسىلىلەر سورا-سوئال قىلغان.
ئۆزبېكىستاندا سەنئەتكە بولغان كونتروللۇق مەۋجۇت
يۇلتۇز ئوسمانوۋا مۇخبىرغا ئۆزبېكىستاندا سەنئەتكارلارغا نىسبەتەن تەقىلەشلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ كۆپىنچە يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ قويۇشى ۋە ئاغزاكى بۇيرۇقلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما كىمنىڭ بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى بىلىش قىيىن ئىكەنلىكىنى، تېلېۋىزىيە-رادىئو قاتارلىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا بۇيرۇق كەلگەنلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىتىشنى مەنىي قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.لېكىن، ئۇ ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن بۇ خىل بېسىملاردىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،" مەن قانداق گۇناھ ئىش قىلدىم؟، شۇڭا مەن تېلېۋىزىيىدە مەنىي قىلىنىشىمنى نا توغرا دەپ قارايمەن" دەگەن.
يۇلتۇز ئوسمانوۋا سابىق پارلامېنت ئەزاسى
يۇلتۇز ئوسمانوۋا ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى بولۇپ، ئۇ سەنئەت ساھەسىدىلا ئەمەس بەلكى، پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا تەسىر كۈچكە ئىگە سەنئەت ئەربابى. ئۇ ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم تەقىپلىنىشكە ۋە بېسىملارغا ئۇچرىغان. ئۇ بۇنداق بېسىملارغا يولۇقۇشقا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ ئۆزىنىڭ راست گەپ قىلىش ۋە ھەقنى سۆزلەشكە ئۆگەنگەنلىكى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ يېقىندىن بۇيانقى يېڭى ئىجادىيەتلىرىدە دىنىي روھنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئادەملەرنى ياخشىلىققا، ئەخلاق-پەزىلەتكە جۈملىدىن ئىسلامىي دىنىي ئېتىقادىنى كۈچەيتىشكە ئۇندەيدىغان پىكىرلەرنىڭ مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئىسلام كەرىموپ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىلىرىگە ئۇچراتۋانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيىدە مەنئىي قىلىنىشىغا ئەنە شۇ دىنىي روھ سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە، بىراق يۇلتۇز ئوسمانوۋا ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ.
يۇلتۇز ئوسمانوۋا كىم؟
يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ شەخسىي ئىنتېرنەت تۆرىدىكى ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇ 1963-يىلى مەرغىلاندا يىپەكچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئۇرايىماخۇن ئۇستا ئىكەن.
ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ دادىسى ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆزبېكىستانغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر كىشى بولۇپ، يۇلتۇز ئوسمانوۋا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر تاملىرىنى تەييارلاشلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ئۆزبەك شۆبىسىنىڭ مەئۇلى جەۋدەد سەيھان ئەپەندىمۇ يۇلتۇز ئوسمانوۋادا ئۇيغۇر قېنى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. يۇلتۇز ئوسمانوۋا ھەتتە بىر قانچە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئورۇنلىغان. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلىنىۋاتقان ئىنتېرنەت تور بەتلىرىگە قويۇلغان
يۇلتۇز ئوسمانوۋا كىچىكىدىنلا سەنئەتكە بېرىلىپ، زور تىرىشچانلىقلىرى بەدىلىگە ئاخىرىدا پۈتۈن ئۆزبېكىستانغا جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا تونۇلغان چولپانگاھ ئايلانغان.
يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ناخشا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
.ئۆزبېكىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق. ئەمما، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىر خادىمى ئۇ يەردە 250 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى ئېيتىدۇ. بىراق، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا رۇزىباقىيەۋ ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستاندا 600 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى يازغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)