چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىگە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەڭ چوڭ كىرىش مەنبەسى بولغان يۈننەندە بەش مىڭچە ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سېتىش، يۆتكەش ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ بۇ خەتەرلىك يولغا ھەتتا قېرىنداشلىرى، بالىلىرى ھەم ئاياللىرىنىمۇ تارتىپ كىرىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەر، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بولسا، بۇ مەسىلە يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىر‏- قىسمەتلىرىگە نىسبەتەن ئەندىشىلەرنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەشتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن گۇمانلارنى قوزغىماقتا.

بەزى ئۇيغۇرلار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان تەربىيىلەش، مائارىپ سىستېمىسىنى بۇزغاندىن باشقا، ئاممىنىڭ تەبىئى ھالدىكى ئەخلاق مەكتىپى بولغان دىنىي ئېتىقادىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭمۇ، نۆۋەتتە زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوخشاش يامان ئىش ‏- ھەرىكەتلەرنىڭ بارغانچە يامرىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇرلاردىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرى بىلەن بىر قەدەر تونۇش بولغان، ئىلگىرى ئىلى ساقچى ئىدارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش خىزمىتىنى ئىشلىگەن، گوللاندىيىدىكى بەختىيار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. (گۈلچېھرە)