خىتاي دائىرىلىرى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن شىۋىتسارىيىدە ئۇچراشتى


2005.07.01

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن شىۋىتسارىيىدە ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك سۆھبىتى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى. بۇ خىتايلارنىڭ تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن تۇنجى قېتىم خىتاي زېمىنى سىرتىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دارامسالادىكى دالاي لاما ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۈز - ئارا ئۇچرىشىش باسقۇچىدىكى خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، سۆھبەتكە تىبەت تەرەپتىن بەش نەپەر ۋەكىل ئىشتىراك قىلغان.

دالاي لاما بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 1993 - يىلى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، 2002 - يىلى قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئىككى تەرەپ ھازىرغا قەدەر تۆت قېتىم ئۇچرىشىپ، چەتئەلدىكى تىبەت سەرگەردانلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىش ۋە تىبەتكە يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيە بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

دالاي لاما ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، بەش كىشىلىك تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىگە دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لودى گيارى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى كېلساڭ گيالتسىن يىتەكچىلىك قىلغان. ھەر ئىككىلا تەرەپ سۆھبەت مەزمۇنىنى مەخپىي تۇتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈچ قېتىملىق سۆھبەت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. دالاي لاما ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، "دالاي لاما بۇ ئۇچرۇشۇشلارنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى رەسمى سۆھبەتكە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.