ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دالاي لامانىڭ " تولۇق ئاپتونومىيە" تەلىپىنى قوللىدى


2005.11.17

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ تىبەتكە " تولۇق ئاپتونومىيە" بېرىش تەلىپىنى قوللاپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىدى.

دالاي لاما ۋاشىنگتوندىكى 10 كۈنلىك زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا 16 - نويابىر كۈنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قويغان تىبەتكە " تولۇق ئاپتونومىيە" بېرىش، تىبەت مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش تەلىپى، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئاۋام پالاتا ئەزاسى رائۇل گرىجالۋا، دالاي لاما " تىبەت مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە مەنىۋىي بايلىقى مانجۇرىيىدە يوقاپ كەتكەندەك يوقاپ كەتمەسلىكى كېرەك، دېمەكچى " دەيدۇ.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس، "دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە تىبەتكە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا چىڭ تۇرىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى" دەپ تەكىتلىگەن. كېڭەش پالاتا ئەزاسى باراك ئوباما، پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتايغا بارغاندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن ھەپتە دالاي لاما بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇش تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۈمكىن. ئەمما خىتاي - ئامېرىكا مۇناسۋىتىدە بۇنىڭدىن مۇھىم مەسىلىلەر بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.