جۇڭگو تىبەتولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، جۈمە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم ئېلىپ بېرىلغان، لېكىن مەزمۇنى مەتبۇئات ساھەسىدىن مەخپىي تۇتۇلغان سۆھبىتىدىكى بەزى نېگىزلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ، سۆھبەت جەريانىدا دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتونومىيە تەلىپى ۋە تىبەتنىڭ چېگرىسى ھەققىدىكى تەلەپلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلالايدىغان مەسىلىلەر ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى،جۇڭگو تىبەتولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى لابا پىڭسۇ،" بۇ ئۇچرىشىشلار جەريانىدا دالاي لاما 2 زور مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى تەلىپى چوڭ تىبەت، يەنە بىرى ئالىي دەرىجىلىك ياكى ھەقىقى ئاپتونومىيە " دەيدۇ. لابا پىڭسۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە،لامانىڭ تەلەپلىرى سۆھبەتكەزور توسالغۇ پەيدا قىلغان ۋە 2002 - يىلدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان 5 - قېتىملىق سۆھبەتتە كونكرېت ئىلگىرلەش بولمىغان. لابا پىڭسۇ، دالاي تىبەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
تىبەت ئاپتونوم رايونى 1959 - يىلى دالاي لامانىڭ خىتايغا قارشى ئىسيانى مەغلۇپ بولغان ۋە ئۇ ھىندىستانغا قېچىپ چىقىپ 9 يىلدىن كېيىن قۇرۇلغان. لېكىن دالاي لاما تىبەت تېرىتورىيىسىنىڭ چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈەن ۋە يۈننەندىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ، بۇ رايونلار تىبەت تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ داۋا قىلماقتا. لېكىن لابا پىڭسۇنىڭ قارىشىچە، " تبەتنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەس " .
دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەشنى توختاتمىدى. لابا پىڭسۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىش مەقسىدى دالاي لاما گۇرۇھىنىڭ خىتاي ۋە تىبەتنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيىتىنى چۈشىنىۋېلىشغا ياردەم قىلىش ئىكەن. (ئەركىن)
