ب د ت كومىتېتى تىبەتنىڭ بەنچەن لاماسى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى

ب د ت مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان تىبەتنىڭ ياش بەنچان لاماسى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كومىتېتنىڭ پرېزىدېنتى جەكوب دوئىك چارشەنبە كۈنى خىتاي ھەققىدىكى بىر دوكلاتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن بەنچان لاما- گېدخان چوكيى نىيمنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرادىسىگە قارشى ھالدا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتى بەنچەن لاما ياخشى تۇرىۋاتىدۇ دەيدۇ. ئەمما مۇستەقىل ئورۇنلارنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل پوزىتسىيە خۇددىي بۇ يەردە توغرا بولمىغان ئىشلاريۈز بەرگەندەك كۆرسىتىدۇ" دېدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى شىيا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، "بۇ بالا ۋە ئائىلىدىكىلىرى چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ زىيارىتىنى خالىمايدۇ" دېگەن ھەمدە ئۇنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياش بەنجان لامانى " دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك سىياسىي مەھبۇس" دەپ ئاتىماقتا. گېدخان 1995 - يىلى دالاي لاما تەرىپىدىن 10 بەنچان لامالىققا بىكىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تاللىغان كاندىداتىنى بەنچان لاما قىلىپ بېكىتكەن. (ئارزۇ)