دالاي لاما تەيىنلىگەن بەنچەن لامانىڭ ئىز- دېرىكى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەسكەن

تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىسى دالاي لاما تەيىنلىگەن بەنچەن لاما دۈشەنبە كۈنى 16 گە كىردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەربەنتى ئاستىدىكى ئۆسمۈر بەنچەننىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەسكەن.

ئەنگىلىيە ئازخبارات تورى ب ب س، " بەن چەن لامانىڭ نەزەربەنتى خىتاينىڭ تىبەت رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ ئىنكاسى،" دەپ كۆرسەتتى. 25 - ئاپرىل دۈشەنبە كۈنى 16 گە كىرگەن گېدۇن چۆجى نيىما، دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك سىياسى مەھبۇس. ئۇ، 6 يېشىدا 1995 - يىلى دالاي لاما تەرىپىدىن تىبەتتىكى 2 - چوڭ روھانى داھى بەنچەن لامانىڭ ۋارىسى، دەپ ئېلان قىلىنغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى گېدۇن چۆجى نيىمانىڭ بەنچەن لامالىقىنى رەت قىلىپ، يەنە بىر بالىنى بەنچەن لامانىڭ ۋارىسى، دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1995 - يىلى دالاي لاما تەيىنلىگەن 6 ياشتىكى بەنچەننى نەزەربەنت قىلىپ، ئۇنىڭ " ھىمايىگە ئېلىنغانلىقى" نى ئېلان قىلغان. ئاتېئىزم بىلەن قوراللانغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەنچەن تەيىنلەپ، گېدۇن چۆجى نيىمانى نەزەربەنت قىلىشى تىبەتلەرنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى.

ب ب س ئىلگىرى سۈرۈشىچە، " بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە يول قويۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرگە زەربە بەرگەن." ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 12 - ئاپرىلدا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان تىبەت مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، دالاي لامانى " خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە رايوندىكى مۇقۇملىقنى ساقلىشىدا ئىجابىيلىقى مول شېرىكى،" دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)