خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما تەرىپىدىن تاللانغان 11 - بەن چەن لامانىڭ نەزەربەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋۇ يىڭجيې، پەيشەنبە كۈنى لاسادا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىپ، "بىز ئۇنى نەزەربەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقىنىمىز يوق،" دېدى.
6 يېشىدا يوقاپ كەتكەن گېدۇن چوكىي نيىمانىڭ 10 يىلدىن بېرى ئىز دېرىكى يوق بولۇپ، ئۇ 1995 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى دالاي لاما تەرىپىدىن 10 - بەنچەننىڭ ۋارىسى، دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. بىراق ئۇ 3 كۈندىن كېيىن ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ۋۇ يوڭجيېنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە سالامەت ياشىماقتىكەن. ۋۇ يوڭجيې، "ئۇنى دالاي لاما تاللىغان بولسىمۇ، ئەمما جوڭگو ھۆكۈمىتى ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ،" دىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 1995 - يىلى گياتسىن نوربۇنى 11 - بەن چەن لاما، دەپ ئېلان قىلغان. ئەمما ۋۇ ، نيىمانىڭ ئۆيى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىمىدى. ۋۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نيىما چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇنى ئاۋارە قىلىشىنى خالىمايدىكەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك بلەن ئەيىپلىسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. خىتاي - تىبەت سۆھبىتى ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 30 - ئىيۇن ۋە 1 - ئىيۇللاردا شۋېتسارىيىنىڭ بېرىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. تىبەت سۆھبەت ۋەكىلى لودى گيارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ دائىرىسىنى ئايرىش مەسىلىسى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تىبەتلەر ئارىسىدىكى تۈپكى ئىختىلاپلارنىڭ بىرىكەن. (ئەركىن)