خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت بۇتخانىسىنى رېمونت قىلماقچى
2005.12.23
خىتاي مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تىبەتنىڭ مۇھىم بۇتخانىلىرىدىن بىرى بولغان بەنچەن لامانىڭ سارىيى رېمونت قىلىنىدىكەن. 600 يىللىق تارىخقا ئىگەن ۋە ساڭسۇ سېزوڭ سارىيى دەوپ ئاتالغان مەزكۇر بۇتخانا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رېمونت قىلىنمىغان.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتنىڭ پايتەختى لاسادىن 250 كىلومېتىر يىراققا جايلاشقان خىگازە شەھىرىدىكى مەزكۇر بۇتخانىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىش ئېھتماللىقى بار ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەي شەھىرى ساڭسۇ سېزوڭ بۇتخانىسىنىڭ رېمونت چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگەن ئالغان. 7 - ئەسىردە سىلىنغان لاسادىكى پوتالا سارىيىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ساڭسۇ سېزوڭ سارىينىڭ رېمونت ئىشلىرىغا 40 مىليون سوم پۇل كېتىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تىبەتتە چوڭ مەبلەغلەر سېلىپ بۇتخانىلارنى رېمونت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىل يازدا خىتاي ، ئۇيغۇر ئېىلى ۋە تىبەتتە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرىغا، 1996 يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېىلىدە مەسچىت سىلىشقا ۋەياكى كونىراپ كەتكەن مەسچىتلەرنى رېمونىت قىلىشقا قەتئى رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىنى ئوچۇق- ئاشكارا بايان قىلغان.(قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تىبەتلىك نامايىشچىلارنىڭ ھىندىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان راھبلارنى قولغا ئالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى 5 نەپەر تىبەت راھىبىنى قولغا ئالدى
- ب د ت كومىتېتى تىبەتنىڭ بەنچەن لاماسى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى تىبەت راھىبىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى