ئىككى نەپەر تىبەتلىك ئەمەلدار مەكتەپتە يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەسىدە ئۆلدى

0:00 / 0:00

9 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى ئەتىگەندە، خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مىللىي پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. يەنى گەنسۇ مىللىي پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى لو بوزاڭ مەزكۇر مەكتەپنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ياڭ زىخۇڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، كەينىدىن ئۆزىگە ئوق چىقىرىپ ئۆلگەن.

ۋەقەنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس

گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مىللىي پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ۋەقەدە ئۆلگەن مەكتەپ مۇدىرى بىلەن مەكتەپ پارتكوم سېكرىتارى ئىككىلىسى تىبەتلىك بولۇپ، ۋەقە يۈز بېرىشتىكى ھەقىقىي سەۋەب تېخى ئاشكارىلانمىغان.

خوڭكۇڭ « شىڭداۋ گېزىتى» دە بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە گەنسۇ ئۆلكىسى مىللىي پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ۋەقە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىنى قاتتىق چۆچۈتكەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە. خوڭكۇڭ « شىڭداۋ گېزىتى» دە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى مىللىي پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى 9 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنىدىكى قانلىق ۋەقەدە مەكتەپ مۇدىرى لو بۇزاڭ تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مەزكۇر مەكتەپنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ياڭ زىخۇڭ ئۈچۈن يېقىندا يوشۇرۇن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. لېكىن ھۆكۈمەت مەزكۇر ماتەم مۇراسىمى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي خەۋەر بېرىشنى چەكلىگەن.

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى

خوڭكۇڭ شىڭداۋ گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،27 ‏- سېنتەبىر كۈنى ئەتتىگەندە، گەنسۇ مىللىي پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى لوبۇساڭ مەزكۇر مەكتەپ پارتكوم سېكرىتارىنىڭ ئىشخانىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ياڭنىڭ كاللىسىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇنى نەق مەيداندىلا ئۆلتۈرگەن ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىگىمۇ ئوق چىقارغان. لېكىن لۇ بۇساڭ نەق مەيداندا ئۆلمىگەن. ئۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن ئاندىن جان ئۆزگەن .

مەزكۇر مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، ھازىر ۋەقە يۈز بەرگەن گەنسۇ ئۆلكىسى مىللىي پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى ساقچىلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان ھەمدە " ۋەقە ئېنىقلىنىشتىن بۇرۇن، مەكتەپ ئىچىدىكى ئۇچۇرنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك" دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن. شۇنداقتىمۇ ئىسمىنى ۋە ئاۋازىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى " مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ پارتكوم سېكرىتارىنى ئۆلتۈرۈۋىتىشنى پەقەتلا ئويلاپ يېتەلمىدۇق . بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقە مەزكۇر مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ " دەپ بىلدۈرگەن. رادىئومىزنىڭ تىبەت بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ، ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان يەرلىك تىبەت پۇقراسى ئۆزىنىڭ بۇ ئىككىلا باشلىقنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلگىچىلەرنىڭ ھەر ئىككىسى تىبەت مىللىتىدىن

ئۆ سۆزىدە،مەكتەپ مۇدىرى لوبۇساڭ بىلەن پارتكوم سېكرىتارى ياڭ زىخۇڭ ئىككىلىسى تىبەت مىللىتى بولۇپ، ئۇلار 50 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەن. لوبۇساڭ بولسا پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەن. ئۇ 1994 ‏- يىلى مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، 2001 ‏- يىلى مۇدىرلىققا سايلانغان ئىكەن . ياڭ زىخۇڭ بولسا ئىلگىرى ناھىيە باشلىقى بولۇپ، كېيىن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكىلىك پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن .

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان « ئۇلۇغ ئېرا » گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە، ياڭ زىخۇڭ گەنسۇ ئۆلكىسى مىللىي پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەندىن بۇيان، مەزكۇر مەكتەپ ئىچىدە تۈرلۈك رەتكە سېلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا، مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرى لوبۇساڭ چەتكە قېقىلىپ، نۇرغۇن سۈركۈلۈشلەر يۈز بەرگەن. بەزىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مەكتەپ مۇدىرى لوبۇساڭ ئىقتىسادى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ياڭنىڭ ئېغىر بىسىمىغا دۈچ كەلگەنىكەن . « ئۇلۇق ئېرا » گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا يەنە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى لۇ بوساڭنى لەنجۇ شەھىرىگە يۆتكەش قارارى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن.