دالاي لاما كوستارىكانى زىيارەت قىلدى
2004.09.28
لاتىن ۋە جەنۇبى ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان تىبەتلىكلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى كوستارىكادا بۇ دۆلەتنىڭ پرىزدېنتى ئابەل پاكىكو بىلەن ئۇچراشتى.
كوستارىكا پرىزدېنتى، كوستارىكا خەلقىنىڭ دالاي لامانىڭ زىيارىتىدىن پەخىرلىندىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، كوستارىكا، دالاي لاما تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، ماسلىشىپ بىرلىكتە ياشاش قاتارلىق پرىنسىپلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى كوستارىكانىڭ سان خوزى شەھىرىدىكى ئۇنۋەرسىتېتتا سۆز قىلدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ سۆزنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىڭلىغان ئادەم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەنتەربىيە زالىغا توپلاشقان، ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن زالدا ئورۇن قالماي يەنە مىڭلىغان كىشى دالاي لاما نىڭ سۆزىنى كوچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ ئىكرانلىق تېلېۋىزورلاردىن ئاڭلىغان.
بۇ دالاي لامانىڭ كوستارىكاغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما بۇ قېتىمقى سەپىرى جەريانىدا ئەلسالۋادور، گۋاتېمالا ۋە مېكسىكا دۆلەتلەرنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭ تەيىنلىگەن بەنچەن لاما كوممۇنىستىك پارتىيىنى مەدھىيىلىدى
- خىتاي كېچىككەن بولسىمۇ، تىبەتنىڭ پايتەختىنىڭ ئەنئەنىۋى خاراكتېرىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى
- خىتاي ساقچىلىرى ، ئىككى مۇخبىر ۋە ئىككى چەتئەللىك تىبەت پائالىيەتچىسىنى قولغا ئالدى