روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى" ئەگەر دالاي لاما روسىيىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇ ھالدا موسكىۋا ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشنى ئويلىشىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە،دالاي لامانىڭ تېخى روسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىغا بۇنداق بىر ئىلتىماسنى سۇنمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىراق مەزكۈر باياناتچى يەنە، دالاي لاما روسىيىنى زىيارەت قىلغان تەغدىردىمۇ، روسىيىنىڭ تىبەتكە تۇتقان مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، تىبەتنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، دالاي لامانىڭ روسىيىنى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سابتىن سەمفىل قالماقىستان جۇمھىرىيىتى پرىزېدىنتىنىڭ دالاي لامانى يەرلىك بۇددېستلارغا دىنىي تەلىم بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئەگەر روسىيە ھۆكۈمىتى ۋىزا بەرسە، دالاي لامانىڭ قالماقىستانغا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)