دالاي لاما تىبەت خەلق قوزغىلىڭىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلىدى


2005.03.10

تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى، تىبەتتە ئىقتىساد تەرەققى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ۋە تىبەتنىڭ ئاپتونومىيىسىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزۈشتەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۈتلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزنى " تىبەت خەلق قوزغىلىڭى" يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 46 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئېيتقان. ئەمما ئۇ يەنە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىستىمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە، "تىبەت ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تىبەتنىڭ ھەقىقىي ھوقۇقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، تىبەتلەر بارغانسىرى ھەر خىل چەكلىمە ۋە چەتكە قېقىلىشقا ئۇچىراۋاتىدۇ. تىبەتتە ھازىر كەم بولىۋاتقىنى، ئۆز-ئارا ئىشەنچ ئاساسىدىكى مىللىي باراۋەرلىك ۋە ھەقىقىي مۇقىملىق" دېدى. ئۇ يەنە، تىبەتنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسدە قېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

46 يىل ئاۋالقى 10 - مارت كۈنى، تىبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى " تىبەت توپىلىڭى" دەپ ئاتايدۇ. ئۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كىيىن، دالاي لاما ھىندىستانغا قېچىپ بېرىپ، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى قۇرغان.

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما گەرچە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى " بۆلگۈنچى" دەپ قارىماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.