تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما ياپونىيىنى زىيارەت قىلدى

تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما 8 - ئاپرىل جۈمە كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيوغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا دالاي لامانىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى پەقەت دىنىي پائالىيەتلەرنى ئاساس قىلىدىكەن. زىيارەت داۋامىدا توكيو، كىيوتو قاتارلىق جايلاردا بۇددىزم تەرغىباتلىرىنى ئېلىپ بارماقچى ئىكەن. بۇ دالاينىڭ ياپونىيىگە قاراتقان 10 - قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئەنگىلىيە ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم ئەمەلدارى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانى جەمىيەت ئەربابى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ زىيارەت پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلى توختالمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق دالاي لامانىڭ باشقا ئەللەردە زىيارەتتە بولۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتىمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

گەرچە ياپونىيە بۇددا دىنىنى ئاساس قىلغان دۆلەت بولسىمۇ،ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشىغا كۆرۈنۈشكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. (گۈلچېھرە)