تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، شەنبە كۈنى ياپونىيە ئۆكتىچى پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان دالاي لاما، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دالاي لاما ئىلگىرى كۆپ قېتىم تىبەتنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ تونىغان بولسىمۇ، بىراق تىبەت خەلقىگە مەدەنىيەت جەھەتتە ھوقۇق بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە بۇددا دىنىي ئەركىنلىكى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تۈردە تەلەپ قىلىپ كەلگەن .
دالاي لاما، شەنبە كۈنى توكيودا سۆزلىگەن نۇتقىدا، روھ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنى، تېخىمۇ مېھرىبان ۋە كۆڭۈللۈك بىر ئىنسانىيەت دۇنياسى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇنىڭ 10 - قېتىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا بىلدۈرۈشىچە، دالاي لامانىڭ ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشى، تىبەتنىڭ مۈستەقىللىقىنى قوللىغانلىق ھېساپلانمايدىكەن. (ئەقىدە)