دالاي لاما ئەلچىلىرى پات ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنى كۈتمەكتە

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ ئەلچىسى لودى گەرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، دالاي لامانىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى پات ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

لودى گەرىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بۇ سۆھبەتتىن ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، دالاي لاما نۆۋەتتە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزدىمەكتە.

بۇ قېتىمقى زىيارەت، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ئارىسىدىكى ئالاقە 2002 - يىلى قايتا باشلانغاندىن بۇيان، دالاي لاما ئەلچىلىرىنىڭ تۆتىنچى قېتىم خىتايغا بېرىشى بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.

لودى گەرى، خىتاي بىلەن تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىمۇ تىبەت خەلقىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما نۆۋەتتە ھىندىستاندا سۈرگۈندە ياشىماقتا. ئۇ گەرچە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىستىمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى " بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. (ئارزۇ)