دالاي لاما 10 يىل ئىچىدە تىبەتكە قايتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن

تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لاما، پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ ۋىزبادەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا قىلغان سۆزىدە، كېلەركى ئون يىل ئىچىدە تىبەتكە قايتىپ بېرىپ 80-ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تىبەتتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما ئۇنىڭ باياناتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ۋىزبادە شەھرىنىڭ چوڭ باغچىسىغا يىغىلغان 20000 دىن ئوشۇق تەرەپدارىغا قىلغان سۆزىدە " پالچىلار 10 يىل بۇرۇن، تىبەتلىكلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تىبەت تېررىتورىيىسىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ئىدى. ئەمدى بىز، مىنىڭ 80 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنۈمنى تىبەتتە ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك، دېدى.

دالاي لاما يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلەپلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان، تىبەتنى خىتاينىڭ بىرقىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، تىبەتكە ئاپتونومىيە بېرىش ۋە ئۆزىنىڭ تىبەتكە قايتىشى مەسىلىسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېلىمۇ دالاي لامانىڭ ھەرىكەتلىرىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. (قانات)