تاشى ۋاڭدى: بېيجىڭ دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك
2006.03.14
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تاشى ۋاڭدى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى قاندۇرسا، بۇ تىبەت رايونىدىكى سىياسىي جىددىيلىكنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
دالاي لاما ئۆتكەن ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتتىكى تارىخىي بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى تاۋاب قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئارزۇسىنىڭ يېقىندا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان ۋەكىللىرى تەرىپىدىن خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. تاشى ۋاڭدى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى چاقىرغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى دالاي لامانىڭ زىيارىتىدىن ئەندىشە قىلماسلىققا چاقىردى. ئۇ، خىتاي رەھبەرلىرى ئۇنىڭ زىيارىتىگە يول قويۇلسا، بىرە ۋەقە يۈز بېرەمدىكىن، دەپ ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەك. دالاي لامانىڭ زىيارىتى ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئارىلىشىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،" دېدى.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "دالاي لامانىڭ زىيارەت پىلانى ھەر ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق" ئىكەن. ئۇ، " خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك خىتايدا سىياسى ، مەدەنىيەت ۋە دىنىي تۇرمۇشنىڭ كېلەچىگى بىلەن باغلىنىشلىق " دەيدۇ. تاشى ۋاڭدىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تىبەت مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشسە، خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە نۇرغۇن دوستلارغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
دالاي لاما ئۆتكەن جۈمە كۈنى دارامسالادا تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 47 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى زىيارەت قىلىش ئۈمىدى بارلىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لاما خىتاينى زىيارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دالاي لاماغا ئالتۇن مېدالى بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى
- خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولمىغان
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما ئىسرائىلىيىدە
- دالاي لاما ۋەكىلى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن 5-قېتىملىق سۆھبەتنى باشلىدى