ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى دالاي لاماغا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مىدالى بېرىش قانۇن لايىھىسى سۇندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى ئەزاسى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاماغا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مىدالى بېرىش قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇپ، دالاي لامانىڭ تىنچلىقنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا قوشقان تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كالىفورنىيە شتاتىنىڭ دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى دايئاننا فېينشتېين بىلەن ۋىيامىڭ شتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى كلىگېر توماسلار پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە دالاي لاماغا ئامېرىكىنىڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى‏ - دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بېرىش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان.

دايئاننا فېينشتېيننىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى ھازىرغا قەدەر73 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا قانۇنى بويىچە مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى كېڭەش پالاتاسىدىكى 100 نەپەر ئەزانىڭ 3 دەن 2 قىسىمى قوللىغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ قانۇن تەكلىپ لايىھىسى يىتەرلىك ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ماقۇللىنىش مۇمكىنچىلىكى بار.

مەركىزى لوندوندىكى ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى ئىشخانىسى، " بۇ مۇكاپات دۆلەت مەجلىسى دالاي لامانىڭ تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ بىشارىتى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور " دەپ كۆرسەتتى. دۆلەت مەجلىسى ئىلگىرى ئامېرىكا قارا تەنلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دوكتور مارتىن لۇتىر كىڭغا بۇ مۇكاپاتنى بەرگەن. (ئەركىن)