دالاي لامانىڭ ئەلچىسى تىبەت مەسىلىسىنى دالاي لاما ھايات چېغىدا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى

يېقىندا دالاي لامانىڭ ئەلچىسى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، تىبەت مەسىلىسىنىڭ دالاي لامانىڭ ھايات چېغىدا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ "ئەگەر تىبەت مەسىلىسى دالاي لاما ھايات چېغىدا ھەل قىلىنمايدىكەن، ئۇنداقتا چوقۇم مۇقىمسىزلىق ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لامانىڭ ئەلچىسى سۆزىدە يەنە "دالاي لاما پەقەت ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقنى تەلەپ قىلماقتا، ئۇ مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلغىنى يوق" دەپ تەكىتلەپ : خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت رايونىنىڭ باشقا ئۆلكىلەر بىلەن بولغان چېگرىسىنى قايتىدىن بەلگىلەپ، تىبەت رايونىنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، تىبەتتىكى مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە تىبەت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر تىبەت نوپۇسىنىڭ يېرىمى تىبەت رايونىدا بولۇپ، قالغان يېرىمى گەنسۇ، سىچۇئەن، چىڭخەي ۋە يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە جايلاشقان ئىكەن.

دالاي لامانىڭ ئەلچىسى 2002 ‏- يىلىدىن بۇيان بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن جەمئىي 5 قېتىم مەخپىي سۆھبەتتە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ئوخشىمىغان ئۆلكىلەردىكى تىبەت خەلقىنى بىر يەرگە يىغىشتىكى مەقسەت، " بىر چوڭ تىبەت" قۇرۇپ چىقىش ياكى بۆلگۈنچىلىك قىلىش ئەمەس، بەلكى تىبەت خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن. دالاي لامانىڭ ئەلچىسى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. (مېھرىبان)