ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، تىبەت سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقىنىغا قارىماي، خىتاي دائىرىلىرى تىبەتنى "ئىنتايىن ۋە ئىنتايىن ئېغىر بېسىم" بىلەن ئىدارە قىلماقتا، دېدى.
دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى باشلانغان. دالاي لامانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تۆت قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن، خىتاينىڭ تىبەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ" يۇمشىشىنى" ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمىغان.
دالاي لاما تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە قارىماي، "جىددىي مەسىلىلەردە" ئاساسەن ئىلگىرلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " ھازىرغىچە ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنلىكنىڭ ھېچقانداق بىشارىتى يوق،" دەيدۇ.
خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بۇ يىل 6 - ئايدا شۋېتسارىيىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىبەت ۋەكىللىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان.
دالاي لاما، چارشەنبە كۈنى ئاق ساراينى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش ۋە بىرىنچى خانىم لاۋرا بۇشلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.
خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "ھەرقانداق دۆلەتنىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋېلىشىغا قارشى تۇرىمىز" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)