دالاي لاما: تىبەت ھېلىمۇ زوراۋان كۈچلەرنىڭ قول ئاستىدا ئازاپ تارتىۋاتىدۇ
2006.01.06
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتلىكلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما تىبەت ھېلىمۇ زوراۋان كۈچلەرنىڭ قول ئاستىدا ئازاپ تارتىۋاتىدۇ، دېگەن.
دالاي لاما ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان ئاماراۋاتى كەنتىدە دىنىي مۇراسىم ئۈچۈن يېغىلغان نەچچە مىڭ بۇددىست راھىبىغا قىلغان سۆزىدە، ئۆز ۋەتىنىدە ياشاۋاتقان تىبەتلىكلەرنىڭ، ھىندىستاندا مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقان تىبەتلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھۇقۇقلاردىنمۇ مەھرۇم ياشاۋاتقانلىقىنى، زوراۋان كۈچلەرنىڭ تىبەت خەلقىغە قاراتقان بېسىمىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. دالاي لاما سۆزىدە خىتاينىڭ ئىسمىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زوراۋان كۈچلەر دېگىنى خىتايغا قارىتىلغالانلىقى ئېنىق.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما ئۇزۇندىن بېرى خىتاينى تەنقىد قىلىشنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما تىبەت ياشلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ خىتايغا قاراتقان تىنچلىق سىياسىتىگە يەنى خىتايدىن ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشىغا قارشى نارازىلىق كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەتلىكلەر، دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، تىنچلىق سىياسىتىنى قوللايدىغان تىبەت پائالىيەتچىلىرى بىلەن خىتايغا قارىتا قاتتىقراق سىياسەت يۈرگۈزۈشنى قوللايدىغان تىبەت پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا چوڭ بىر بۆلۈنۈش يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
1989 - يىلىدا، خىتايغا قارشى تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرىشى تۈپەيلىدىن نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغان دالاي لاما، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن ۋاز كىچىپ، خىتايدىن ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشقا باشلىدى.
لېكىن يەنە شۇنداقتىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى تىبەتنى خىتايدىن ئايرىشنى مەقسەت قىلغان بىر بۆلگۈنچى دەپ قارىماقتا.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان راھبلارنى قولغا ئالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دالاي لامانىڭ " تولۇق ئاپتونومىيە" تەلىپىنى قوللىدى
- دالاي لاما ئامېرىكىدا "تىنچلىق ۋە مېھرى شەپقەت" ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى
- جورج بۇش دالاي لامانى ئاق سارايدا كۈتۈۋالدى
- دالاي لاما: خىتايلار تىبەتنى ئىنتايىن ئېغىر بېسىم بىلەن ئىدارە قىلماقتا