تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما ئىسرائىلىيىدە
2006.02.16
تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى، بېيجىڭدا تىبەتنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى مەسىلىسى ئۈستىدە، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن 5 - قېتىملىق سۆھبىتىنى يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، دالاي لامانىڭ ئىسرائىلىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 16 - فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى، دالاي لامانىڭ ئىسرائىلىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنى تەنقىد قىلىپ، "ئۇنىڭ زىيارىتى تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىشتىن ئىبارەت" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى يەنە "دالاي لامانىڭ مەقسىتى تىبەتنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش. ئۇ، بۇ نىيىتىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ " دەپ ئەيىبلىگەن.
دالاي لاما ئىسرائىلىيىدە ئېلىپ بارىدىغان 5 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا، ئۆزىنىڭ خاماس تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە "زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ، تىنچلىق يولى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى قوللىنىش" توغرىسىدا مەزكۇر تەشكىلات بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، دالاي لامانىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتنى زىيارەت قىلىشىغا ئىزچىل تۈردە قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىلىغان 5-قېتىملىق سۆھبەتنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى
- دالاي لاما: تىبەت ھېلىمۇ زوراۋان كۈچلەرنىڭ قول ئاستىدا ئازاپ تارتىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان راھبلارنى قولغا ئالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دالاي لامانىڭ " تولۇق ئاپتونومىيە" تەلىپىنى قوللىدى
- دالاي لاما ئامېرىكىدا "تىنچلىق ۋە مېھرى شەپقەت" ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى