ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دالاي لاماغا ئالتۇن مېدالى بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى


2006.03.07

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لامانى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەڭ ئالىي نىشانى بولغان، دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بىلەن ماكاپاتلاش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.

دالاي لاماغا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بېرىش ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى تەرىپىدىن، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا مەزكۇر ھەرىكەتنى قوللاش توغرىسىدا ئەۋەتىلگەن بىر خەتتە، مېدالنىڭ دالاي لامانىڭ تىنچلىق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي چۈشىنىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا كۆرسەتكەن پەۋقۇلئاددە خىزمەتلىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى، قەھرىمانلارغا، ئالىي جاسارەت كۆرسەتكەنلەرگە ھەمدە دىنىي رەھبەرلەرگە بېرىلىدىكەن.

ھازىرغىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رىم پاپاسى، پاپا 2‏- جان پول، تىرىسا ئانان، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان ئەلى ۋەزەل ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ رەھبىرى نىلسون ماندىلا قاتارلىق ئاتاقلىق كىشىلەرنى دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىغان.

دالاي لامانى دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاش ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لاماغا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بېرىش قانۇن لايىھىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنىڭ تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغدىغان ۋە تىبەت خەلقىنىڭ ئاپتونومىيە تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، سۆھبەت يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۈچلۈك بىر سىگنالى ھېسابلىنىدىكەن.

دالاي لاماغا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالىنىڭ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئاز دېگەندە يېرىمىنىڭ بۇ توغرىدىكى قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن تام لانتوس ئەپەندى، دالاي لاماغا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالنى بېرىش ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقان سىياسەتچىلەرنىڭ بېرى ئىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.