دالاي لاما خىتاينى زىيارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ
2006.03.10
تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما جۈمە كۈنى دارامسالادا 1959 - يىلدىكى تىبەت قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى مەشھۇر بۇددا تاۋابگاھلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى. دالاي لامانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىپ قايتقان ۋەكىللىرى دالاي لامانىڭ بۇ ئارزۇسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرغان.
ئۇ، " مېنىڭ ۋەكىللىرىم خىتايغا بېرىپ تاۋاب قىلىش ئارزۇيۇمنى ئۇلارغا يەتكۈزدى " دەيدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا بۇددىزىمنىڭ ئۇزۇن تارىخىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە تاۋاب قىلىدىغان نۇرغۇن يەرلەر بار " ئىكەن. بۇ دالاي لامانىڭ تۇنجى قېتىم خىتايدىكى بۇددا تاۋابگاھلىرىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى دالاي لامانىڭ زىيارەت تەلىپىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان. دالاي لاما مۇراسىمدا تىبەتلەرنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىنى " مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىبەتلەرنىڭ ھاياتلىق يولىدىكى قانۇنغا ئۇيغۇن، ئادىل ۋە مۇۋاپىق تەلەپ " دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2 - ئايدا دالاي لامانىڭ لودى گيارى قاتارلىق ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭدا تىبەت مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. گەرچە ھەر ئىككىلا تەرەپ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، بىراق تىبەت سۆھبەت ئۆمىكىگە باشچىلىق قىلغان لودى گيارى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ سەمىمىي سۆزلىشىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، دېگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دالاي لاماغا ئالتۇن مېدالى بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما ئىسرائىلىيىدە
- دالاي خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىلىغان 5-قېتىملىق سۆھبەتنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى
- دالاي لاما: تىبەت ھېلىمۇ زوراۋان كۈچلەرنىڭ قول ئاستىدا ئازاپ تارتىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان راھبلارنى قولغا ئالدى