دالاي لاما: ۋارىسىمنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بېكىتىشى كېرەك

تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىغا ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان نامزات ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلۇشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋارىسىم چوقۇم تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىدىن چىقىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى پۈتۈن تىبەت خەلقى قوبۇل قىلىدىغان بولۇشى كېرەك، دەيدۇ.

ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، دالاي لامانىڭ " ۋارىسى ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى" بىلدۈرگەن. بۇ يىل 71 ياشتىكى 14 - دالاي لاما، ۋارىسىنىڭ تىبەتلەرنى تىبەتكە قايتىش ئارزۇسىغا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلماقتا. لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى 14 - دالاي لاما ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان نامزاتنىڭ تىبەتتە تۇغۇلىدىغانلىقىنى ۋە 15 - دالاي لامانى جۇڭگو خەلقى سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

دالاي لاما ئىلگىرى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن دالاي لامالىق تۈزۈمى داۋاملىشىدىغان ياكى داۋاملاشمايدىغانلىقىغا تىبەت خەلقى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى 1963 -يىلى ماقۇللىغان ئاساسى قانۇندا، ئەگەر سۈرگۈندىكى تىبەت مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ 3 دەن 2 قىسىم ئەزاسى قوشۇلسا، دالاي لامالىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. لېكىن ھازىرچە دالاي لامالىق تۈزۈمى تىبەت مەدەنىيىتى ۋە تىبەت جەمئىيىتىگە پايدىلىق، دەپ قارالماقتا.

14 - دالاي لامانىڭ قارىشىچە، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تىبەت خەلقى 15 - دالاي لامانى سايلاپ چىقىدىكەن. لېكىن دالاي لامانىڭ ۋارىسى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە 14 - دالاي لاما بېكىتەمدۇ ياكى بەنچەن لامانى سايلىغانغا ئوخشاش خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تاللامدۇ، دېگەن مەسىلە ئالدىمىزدىكى يىللاردا تىبەتلەر بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تالاش -تارتىش قىلىنىشى مۇمكىن. (ئەركىن)