تىبەتنىڭ دىنىي ۋەسىياسىي داھىسى دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تاكلا، دالاي لامانىڭ 21- ئاۋغۇستتىن 28- ئاغۇستقىچە موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لاما بۇ زىيارىتىنى، موڭغۇلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇتخانىسى ھېسابلانغان گانادانتېچىلىڭ بۇتخانىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئېلىپ بارىدىكەن.
دالاي لاما ئاخىرقى قېتىم 2002- يىلى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. دالاي لامانىڭ بۇ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن رۇسىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە دالاي لاماغا ھاۋا تېررىتورىيىسدىن ئۆتۈش رۇخسىتى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ توكيو ئارقىلىق موڭغۇلىيىنىڭ پايتەخىتى ئۇلانباتۇرغا ئۇچۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
دالاي لامانىڭ بۇ قېتىم قايسى يول ئارقىلىق موڭغۇلىيىگە بارىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. دالاي لامانىڭ دارامسالادىكى ۋەكىللىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىنى رەت قىلماقتا.
موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ 90% ى بۇددا دېنىغا ئېتىقاد قىلدىغان بولۇپ، تىبەت بىلەن موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللىق تارىخقا تايانغان يېقىن دىني ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى مەۋجۇت.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر موڭغۇلىيە خەلقىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغان بولۇپ، ئۇلار دالاي لامانىڭ كېلشىنى تۆرت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە ئىكەن. (قانات)
