دالاي لاما موڭغۇلىيە زىيارتىنى باشلىدى

تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما دۈ شەنبە كۈنى رەسىمى زىيارەت ئۈچۈن موڭغۇلىيىگە يېتىپ كەلدى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لامانىڭ بۇ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

دالاي لاما بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، موڭغۇلىيىنىڭ بۇددىست دىنىي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇددا ئىخلاسمەنلىرىگە سۆز قىلىدىكەن . ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى تەشكىللىگەن موڭغۇلىيىدىكى بۇددا دىنىي رەھبەرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن دالاي لاماغا داغدۇغىلىق مۇراسىملار ئورۇنلاشتۇرمىغان. لېكىن شۇنداقتىمۇ، موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇر شەھىرىنى ئايرودرومغا تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن نۇرغۇن لوزۇنكىلارنىڭ ئېسىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

دالاي لاما 2002‏- يىلى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، موڭغۇلىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۆمۈر يولى قاتنىشىنى ئىككى كۈن توختىتىپ قويغان ئىدى.

دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان موڭغۇلىينىڭ ئەڭ چوڭ بۇددىست رەھبەرلىردىن بىرى بولغان بازارگۇر، دالاي لامانىڭ زىيارىتى جەريانىدا، موڭغۇلىيە بۇددىستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى نامبارين ئېنخبايار ۋە موڭغۇلىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ - كۆرۈشمەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىڭلىغان بۇددا دىنىي مۇخلىسلىرى، دالاي لام بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن موڭغۇلىيىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن ئۇلان باتۇرغا قاراپ يولغا چىققان. (قانات)