موڭغۇلىيىدىكى جوڭگو ئەلچىخانىسى ئۇلانباتۇردا سەيشەنبە كۈنى بۇددىستلارنى قوبۇل قىلغان تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتى سىياسى پائالىيەتكە چېتىلمايدىغانلىقىنى ئىگىللىگەندىن كېيىن، نارازىلىق بىلدۈرۈش پىلانىدىن ۋاز كەچتى.
دالاي لاما شۇ كۈنى ئۇلانباتۇردىكى موڭغۇلىيە بويىچە ئەڭ چوڭ بۇددا ئىبادەتخانىسى گاندانتېگچىڭ بۇتخانىسىدا مىڭلىغان بۇددىست ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ، تىڭشىغۇچىلارغا ئېتىقاتنىڭ ئەھمىيىتىنى "بىز ھازىرغىچە قىيىنچىلىقلارنى ئېتىقاتىمىزغا تايىنىپ يېڭىپ كەلدۇق،" دەپ چۈشەندۈردى. بۇ دالاي لامانىڭ 1979 - بېرى موڭغۇلىيىنى ھازىرغىچە 7 - قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر.
جوڭگو دائىرىلىرى دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلانباتۇردىكى جوڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى" بىز ھازىرچە بۇ مەسىلە توغرىسىدا قوشۇمچە بايانات ئېلان قىلمايمىز ياكى باھا بەرمەزيمىز،" دەپ تەكىتلىگەن.
دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى ئۇلانباتۇرغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن موڭغۇلىيە تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىكى " دالاي لاما سىياسى پائالىيەتكە قاتناشمايدۇ،" دەپ بايانات ئېلان قىلدى. دالاي لاما 2002 - يىلى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلغاندا جوڭگو بېيجىڭ - ئۇلانباتۇر تۆمۈريولىنى 2 كۈن توختىتىپ قويغان. (ئەركىن)
