خىتاي دالاي لامانىڭ موڭغولىيە زىيارىتىنى ئەيىبلىدى

تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لاما چارشەنبە موڭغولىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىغان كۈنى، خىتاي دائىرىلىرى نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ چەتئەلدىكى ھەر قانداق زىيارىتىغا قارشى تۇرىدىغان مەيدانىنى ئىپادىلىدى ھەمدە دالاينى " ئاددىي ۋە ساپ دىنىي زات ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

باياناتتا يەنە، " دالاي لاما چەتئەللەردە بۆلگۈنچى پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان سۈرگۈندىكى بىر سىياسىي شەخس. خىتاي ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، ئۇنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاپ بېرىشىگە قارشى تۇرىدۇ" دىيىلگەن. موڭغولىيە دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى ئاددىي كۆرسىتىشكە تىرىشىپ، ئۇنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ پەقەتلا دىنىي مەقسەتتىكى بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دالاي لاما چارشەنبە كۈنى موڭغولىيە پايتەختى ئۇلانباتوردىكى مەركىزىي زالدا دىنىي نۇتۇق سۆزلىدى. بۇنىڭغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشقان. موڭغوللار بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تارىخىي باغلىنىش بار بولۇپ، موڭغوللار خېلىدىن بېرى تىبەتلەرنىڭ لاما بۇددىزىمىغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى. (پەرىدە)