دالاي لاما: تىبەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىسە، سۈرگۈندىكى تىبەتلەر يۇرتىغا قايتىدۇ

ھاياتىنى ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا ياشاۋاتقان سۈرگۈندىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى، ئەگەر خىتاي تىبەتكە يىتەرلىك دەرىجىدە ئاپتونومىيە بەرسە، سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تىبەتلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لامانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ تىبەت مۇستەقىللىقىنى ئەمەس، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. دالاي لاما مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ھازىرغىچە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. دالاي لاما - خىتاي ئىككى تەرەپ سۆھبىتى1990 -يىللاردا باشلانغان، لېكىن سۆھبەت ھازىرغا قەدەر نەتىجە بەرمىدى.

دالاي لامانىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تىبەت مەسىلىسىدە ئۆز ئالدىغا قارار بېرەلمەيدىكەن. ئۇ، ئەگەر بېيجىڭ تىبەتلەرنىڭ سايلام يولى بىلەن ئۆز ھۆكۈمىتىنى سايلاپ چىقىشىغا يول قويسا، تىبەتنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالسا، سۈرگۈندىكى سەرگەردان تىبەتلەر يۇرتىغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لامانىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى لودى گيارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىبەتلەر ھازىرغىچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆھبەتلەر ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى نىگىزلىك كونكرېت مەسىلىلەرنى تالاش - تارتىش قىلىش دەرىجىسىگە بارمىغان. (ئەركىن)