دالاي لاما مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە خىتايغا بارماسلىقى مۇمكىن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋرىگە قارىغاندا، دالاي لاما مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بېيجىڭغا بارمايدىكەن.

تىبەت ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى چامپا پۇتسوك بىيجىڭدا مۇخبىرلارغا "گەرچە، دالاي لاما ئۆزىنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرىنى توختاتقان بولسىمۇ، مېنىڭچە ئۇ تىبەتنى مۇستەقىل قىلىش ئىدىيىسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچەلمەيدۇ. شۇنداق ئىكەن ئۇنىڭ خىتايغا بېرىش ئارزۇسى بەك تۆۋەن" دېدى

خىتاي، گەرچە دالاي لاما تىبەتتە ئالىي مۇختارىيەت ئورنىتىپ تىبەتنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ تىبەتنى مۇستەقىل قىلىش پائالىيەتلىرىنى مەخپىي ئىلىپ بارماقتا، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

چامپا پۇتسوك تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسىمۇ، لېكىن ئالىي ھوقۇق يەنىلا خىتاي كومپارتىيە سېكرىتارىنىڭ قولىدا ئىكەن.

دالاي لاما 1959 ‏- يىلى تىبەتتە قوزغالغان خىتايغا قارشى خەلق توپىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ھىندىستانغا قېچىپ چىققان. "48 يىل ئۆتۈپ كەتتى، دالاي لاما ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگە ھېچقانداق بىر پايدىلىق ئىش قىلغىنى يوق " دەيدۇ، ھازىر بېيجىڭدا يىغىندا بولۇۋاتقان چامپا پۇتسوك.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە دالاي لاما ۋەكىللىرى ئارقىلىق دالاي بىلەن ئۆز ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنى كەلگۈسىدە يەنە ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىكەن. (جۈمە)