دالاي لاما ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدۇ


2006.03.17

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ياپونىيىنىڭ خىروشىما رايونىدىكى بىر دىنىي مەزھەپنىڭ تەكلىپى بويىچە بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 10 -كۈنىگىچە ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ، ياپونىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا بۇددىزىمنىڭ دىنىي تەلىماتلىرى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە خىروشىمادا ئۆتكۈزىلىدىغان دىنىي پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ زىيارەت تەلىپىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقىنى شەرت قىلىپ قويغان. دالاي لاما ئاخىرقى قېتىم ياپونىيىنى ئۆتكەن يىلى 4 - ئايدا زىيارەت قىلغان ۋە زىيارەت جەريانىدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تىبەت مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. نەتىجىسىدە بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. تىبەت روھانى داھىسىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمىنى ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ۋە خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سانساكو تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى ئىختىلاپلار كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ يېقىندا يەنە 14 % ئۆستۈرۈلگەنلىكى ياپونىيىنى بىئارام قىلغان.

ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو ، ئامېرىكا Wall Street Journal گېزىتىگە يازغان ماقالىسىدە خىتاينى " ئىمپىرىيە دۆلىتى" بولۇش يولىغا مېڭىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. دالاي لاما تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بىر تەرەپتىن بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.