تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي 30 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياپونىيىنى 2 ھەپتىلىك زىيارەت قىلماقچى. دالاي لاما ھازىرغىچە ياپونىيىنى 11 قېتىم زىيارەت قىلغان ۋە 16 قېتىم ياپونىيە ئايدۇرۇمىدا توختاپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە 1 - ۋە 2 - نويابىر كۈنلىرى خىروشىمادا لىكسىيە سۆزلەيدۇ.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى دالاي لاماغا زىيارەت جەريانىدا سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق شەرتى ئاستىدا ۋىزا بېرىشنى تەستىقلىغان. توكيودىكى دالاي لاما ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى، دالاي لامانىڭ ياپونىيىلىك سىياسەتچىلەر ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈردى. دالاي لاما ئاخىرقى قېتىم 2005 - يىلى 4 - ئايدا خىتايلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ياپونىيىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، نۆۋەتتە كانادانىڭ ۋان كوۋېر شەھىرىنى زىيارەت قىلماقتا.
پەيشەنبە كۈنى كانادا ھۆكۈمىتى دالاي لاماغا " كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق" ئۇنۋانى بەردى. ئۇ، شۇ كۈنى ۋانكوۋېردا دالاي لاما تىنچلىق ۋە مائارىپ مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بولسا كانادا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. (ئەركىن)
