خىتاي دائىرلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن، ئاۋىستريە دالاي لاماغا بېغىشلانغان پوچتا ماركىسىنى بىكار قىلدى


2004.10.26

ئاۋىستريە پوچتا تارماقلىرى ئەسلىدە يېڭى يىلدا نەشىر قىلىپ تارقىتىش پىلان قىلىنغان، دالاي لامانىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاۋىستريە پوچتا تارماقلىرى 600 مىڭ پارچە ماركا نەشىر قىلماقچى بولۇپ، ئەسلىدە بۇ ماركىلار دالاي لامانىڭ 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلانغان ئىكەن. بىراق مەزكۇر پىلان خىتاينىڭ ئاۋىستريىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. خىتاي ئەلچىخانىسى ئاۋىستريىغە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ بۇ پىلاننى قەتئىي بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئاۋىستريە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، دالاي لاماغا بېغىشلانغان پوچتا ماركىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.