دالاي لاما ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدۇ
2004.10.29
تىبەتلەرنىڭ روھىي داھىيسى دالاي لاما كېلەر يىلى 4 - ئايدا ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان ياپونىيىلىك ئەربابلار، تىبەت روھىي داھىيسىنىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتى خەلقارا ھەمكارلىق ۋە تىنچلىق ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشەندۈرگەن. دالاي لامانىڭ ياپونىيىدىكى ئۆتكەن قېتىملىق زىيارىتى 2003 - يىلى 11 - ئايغا توغرا كېلىدۇ. تىبەت روھىي داھىيسىنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. دالاي لاما مۇستەقىللقى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ بىراق، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئېيىبلىمەكتە.
ئاۋستىرىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،ئاۋستىرىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن دالاي لامانىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىسى تارقىتىش پىلانىنى بىكار قىلغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا ئاۋستىرىيە پوچتا دائىرىلىرى بۇ خىل پوچتا ماركىسىدىن 60 مىڭ دانا بېسىپ، دالاي لاما تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكچى بولغان. بىراق بۇنىڭغا ئاۋستىرىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئاۋستىرىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ئەسلىدىكى پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن، ئاۋىستريە دالاي لاماغا بېغىشلانغان پوچتا ماركىسىنى بىكار قىلدى
- دالاي لاما تىبەتنىڭ كېلىچىكى ھەققىدە سۆز قىلدى
- دالاي ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى
- تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار چىڭخەيدە نامايىش ئۆتكۈزدى
- بېيجىڭ تەيىنلىگەن بەنچەن لاما كوممۇنىستىك پارتىيىنى مەدھىيىلىدى
- دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشقا يولغا چىقتى