رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف، تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ قالمىقىستانغا قىلىدىغان زىيارىتى نوقۇل دىنىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن بولسا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بېرىش مەسىلىسىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە دالاي لامانىڭ قالمىقىستاننى زىيارەت قىلىش تېلىپىنى 3 قېتىم رەت قىلغان.
لاۋروفنىڭ باياناتى، قالمىقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى كىرسان ئىليۇمجىنوفنىڭ دالاي لامانى قالمىقىستاندىكى تىبەت كۈنى پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلغانلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما يېقىن ئارىدا قالمىقىستاننى زىيارەت قىلىش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، " ئەگەر دالاي لامانىڭ زىيارەت سەپىرى نوقۇل دىنىي پائالىيەت بىلەن چەكلەنسە، شۇنداقلا ھۆكۈمەت خاراكتىرلىك ئۇچرۇشۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا، بىز ۋىزا بېرىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا تەييار" دەپ كۆرسەتكەن.
دالاي لامانىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تېز ئىنكاس قايتۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ جۈمە كۈنى، " دالاي لاما دىنىي تونغا ئورۇنىۋېلىپ بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بۇ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى. خىتاي، 1991 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭورال - ياراق خېرىدارى بولۇپ قالغان. رۇسىيە 2001 - يىلى خىتاي بىلەن دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈپ، خىتاينىڭ تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)