دالاي لاما قالماقىستاننى زىيارەت قىلماقتا

تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، قالماقستان بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي رەھبىرى تەلو رىنپوچى دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى رۇسىيە بۇددىستلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، ئۇنىڭ قالماقىستانغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. دالاي لاما تۇنجى قېتىم -1992 يىلى قالماقىستاننى زىيارەت قىلغان ئىدى. 1992 - يىلىدىن بىرى قالماقسىتان پرېزىدېنتى كىرسان ئىليۇمجىنوف دالاي لامانىڭ قايتىدىن قالماقسىتاننى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرىكىتىدە مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى. چۈنكى رۇسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن دالاي لاماغا ۋىزا بىرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، دالاي لاما غا ۋىزا بىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن، لائۇستىكى شەرقى ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ " بىز دالاي لاما بىلەن رەسمى مۇناسىۋەت قۇرغان ھەرقانداق دۆلەتكە قارشى تۇرىمىز" دىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لامانىڭ قالماقىستاننى زىيارەت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىشى مۇمكىن. (قانات)