دالاي لاما قالماقىستاندىكى زىيارىتىنى داۋملاشتۇرماقتا
2004.11.30
رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، نەچچە ئون مىڭلىغان بۇددىست مۇرىتلىرى، قەھرىتان سوغۇققا قارىماستىن، قالماقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كۇرۇل بۇتخانىسىغا يىغىلىپ، دالاي - لاما رىياسەتچىلىك قىلغان ئىبادەت مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دالاي لاما رۇسىيىنىڭ بۇددىست رايونلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان قالماقىستاندا زىيارىتىنىڭ 2 - كۈنىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما، قۇرۇل لاما بۇتخانىسىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، » قالماق خەلقى تىبەتتىكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ يەردىكى خەلق بىلەن تىبەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئەسىرلەردىن بۇيان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ساقلىنىپ كەلمەكتە، شۇڭا مەن قالماقىستانغا يەنە بىر قېتىم كېلەلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەنمەن« دىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، دالاي لامانىڭ قالماقىستان زىيارىتىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، موسكۋانى دالاي لاماغا زىيارەت ۋىزىسى بەرگەنلىك سەۋەبى بىلەن قاتتىق ئەيىبلىدى.
موسكۋا ئىلگىرى، دالاي لامانىڭ قالماقىستانغا زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئۈچ قېتىم رەت قىلغان ئىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لاما قالماقىستاننى زىيارەت قىلماقتا
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما قالماقىستانغا قىلغان زىيارىتىنى باشلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى روسىيىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- رۇسىيە دالاي لامانىڭ قالماقىستاننى زىيارەت قىلىشىغا ۋىزا بېرىشنى قارار قىلدى
- رۇسىيە دالاي لاماغا ۋىزا بېرىش مەسىلىسىنى ئويلىشىۋاتىدۇ
- روسىيە دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى