دالاي لاما خىتايغا قاراتقان مۆتىدىل سىياسىتىنىڭ تىبەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە


2005.03.14

تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان مۆتىدىل سىياسىتىنىڭ تىبەت خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ تىبەتكە قايتىشىغا رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى "جەنۇبىي جوڭگۇ سەھەرلىك گېزىتى" دە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تىبەتنىڭ خىتايدىن مۇستەقىللىقىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تىبەت مەدەنىيىتى ۋە بۇددىزم خىتاي مەدەنىيتىنىڭ بىرقىسمى، نۇرغۇنلىغان خىتاي ياشلىرى تىبەت مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى.

گەرچە دالاي لاما ئۇزۇندىن بىرى خىتايدىن ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا دالاي لامانى بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى تەلىپىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، تىبەتنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

دالاي لاما رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مەركىزى ھىندىستاندىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى، بىرنەچچىلىگەن تىبەت تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بىر قىسىم تىبەت تەشكىلاتلىرى دالاي لاما نىڭ خىتايغا قاراتقان يۇمشاق سىياسىتىنى قوللاۋاتقان بولسىمۇ، تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى قاتارلىق تىبەت تەشكىلاتلىرى دالاي لامانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە تۈپتىن قارشى چىقماقتا. ئۇلار دالاي لامانى تەسلىمچى دەپ ئەيىبلەپ ، ئۇنىڭدىن خىتايغا قارشى قاتتىقراق بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.