دالاي لاما ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي " شەرەپ " مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ


2007.09.06

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندا بىر قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئۆكتەبىر ئېيىدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەيۋەتلىك مەركىزى يىغىن زالىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي " شەرەپ " مېدالى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۈر قارار لايىھىسىىدە يەنە، تىبەتنى ھىمايە قىلىش خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ 17 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى، دۆلەت مەجلىس بىناسى ئالدىدىكى چىملىق مەيداندا ئوخشاش شەكىلدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈشىگە ئىجازەت بېرىلگەن . تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، كۆپ قېتىم غەيرى رەسمىي يوسۇندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلدى. ئەمما سۆھبەت ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيلا قالماستىن، خىتاي تەرەپ دالاينى " دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان سىياسىي ئۇنسۇر " دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، مەقسىدىنىڭ يەنىلا تىبەتنى خىتايدىن ئايرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، ئۆزى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ دالاي لاما بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشغا ۋە رەسمىي زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشىغا ئىزچىل تۈردە قارشى تۇرۇپ كەلدى.

دالاي لامانىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي " شەرەپ" مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىشى، ئۇ نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىدىن كېيىن ئېرىشكەن يەنە بىر ئالىي مۇكاپات ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.