تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى
2007.10.16
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 16 - ئۆكتەبىر كۈنى تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانى ئاق سارايدا قوبۇل قىلدى.
بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، بۇشنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىشىنىڭ جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ: " بىز بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دالاي لامانى ئالتۇن مېدال بىلەن تەقدىرلىشى ھەمدە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئويناشقانلىق ۋە قوپاللىق بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ" دېدى.
دالاي لامانى ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلاش قارارى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ماقۇللانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ تىبەت مۇستەقىلچى كۈچلىرى ئۈچۈن خاتا سىگنال بولۇپلا قالماي، بەلكى جۇڭگونىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىش ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دالاي لاما 1989 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ قېتىم ئۇنىڭغا " تىنچلىق يولى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۆھپە قوشقان " دېگەن شەرەپلەر بىلەن ئالتۇن مېدال بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى . چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان مېدال بېرىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتنىشىدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي، تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەتسىز سايلىنالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى قولغا ئېلىنغان تىبەتلىك ئۆسمۈرلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
- دالاي لاما يېقىندا كانادانى زىيارەت قىلغاندا تىبەتنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىدۇ
- دالاي لاما گېرمانىيە زىيارىتىدە ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشىدۇ
- دالاي لاما ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي " شەرەپ " مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ
- دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشىنى تەرغىپ قىلغان تىبەتلىك سوتلاندى
- بېيجىڭ، دالاي لامانىڭ ۋارىسى چەتئەلدە تۇغۇلسا ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان
- خىتاي تىبەت ئاپتونوم رايونىدا دالاي لامانىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى