ئىتالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لامانىڭ ئىتالىيىگە قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى، تەلەپلىرىنى رەت قىلدى.
ئىتالىيە مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ بۇ يىل 16- دېكابىر كۈنى ئىتالىيگە قىلىدىغان زىيارىتى تۈپەيلىدىن ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىن دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىتالىيىدىكى خىتاي باش ئەلچىسى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەن نارازىلىق خېتىدە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلمىسا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى ياڭ جېچىنىڭ ئىتالىيىگە قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك دالاي لامانىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاي-ئىتالىيە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىرى يەتكۈزىدىغانلىقىنى، تەكىتلىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بولۇپمۇ دالاي لامانىڭ ئىتالىيىنىڭ پېدمونت ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى تەرىپىدىن رەسىمى تەكلىپ قىلىنغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا ئىكەن.
لېكىن، ئىتالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىنىڭ بېرى بولغان " كورىرا دولاسىرا" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ زىيارىتىگە رۇخسەت بەرمەسلىك توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پېدمونت ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى، مەرسىدىس بېرىسسو، "ئىتالىيە بىلەن خىتاي ياخشى مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىككى دۆلەت. بىز بۇ ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىدە خەلقئارا نىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بىر دىنىي رەھبەرنىڭ ئىتالىيىنى زىيارەت قىلىشى سەۋەبىدىن، ئىتالىيىدىن ئۆچ ئېلىشقا تىرىشسا، بۇنىڭدىن ئىتالىيىگە قارىغاندا ئۆزى تېخىمۇ كۆپ زىيان كۆرىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. (ئۆمەر قانات)