رۇسىيە دالاي لامانىڭ قالماقىستاننى زىيارەت قىلىشىغا ۋىزا بېرىشنى قارار قىلدى


2004.11.26

رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىبەتلەرنىڭ روھى داھىيسى دالاي لاماغا قالماقىستاندىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى قارار قىلغان. بىراق خىتايلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، تىبەتلەرنىڭ سىياسى ھەرىكىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تىبەتنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى، شۇنداقلا ئۇ يەردىكى ھەر قانداق مەسىلىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رۇسىيىدە دالاي لامانىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇرىتى بار. رۇسىيە قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى كىرسان ئىليۇمجىنوف، 1996 - يىلدىن بېرى ھەر يىلى دالاي لامانى قالماقىستانغا تەكلىپ قىلىپ، دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن رۇسىيە ئاساس قانۇن مەھكىمىسىگە داۋا ئاچىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جۈمە كۈنى "دىن بىلەن دۆلەتنىڭ ئايرىم - ئايرىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دالاي لامانىڭ قالماقىستاننى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىش قارار قىلىندى،" دەپ كۆرسەتكەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قالماقىستاندىن خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى قالماقىستان پايتەختى ئېلىستاغا كېلىشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.