خىتاي ھۆكۈمىتى روسىيىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى


2004.11.28

خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، روسىيىنىڭ تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاماغا ۋېزا بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ ئالدىدا تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بېرىپ، رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەزكۇر باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ قالماقىستان رايونىغا يولغا چىقىشى مۇمكىن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى تېخى دالاي لاماغا ۋىزا بېرىلگەنلىك ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىسپاتلىمىدى. رۇسىيىنىڭ قالماقىستان رايونىدا 300 مىڭ ئاھالە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى بۇددىستلار. مەزكۇر رايوندىكى بۇددا دىنىي رەھبىرى دالاي لامانى بۇ ئايدا زىيارەتكە كېلىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گەرچە دالاي لامانىڭ تىبەتنىڭ ئالىي ئاپتونومىيىسىنى تەرغىپ قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ يەنىلا رۇسىيىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، »دالاي لاما بىر ئادەتتىكى دىنىي زات ئەمەس، ئۇ خىتاينى پارچىلاش يولىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى ئۇنسۇر. خىتاي ھەر قانداق دۆلەتنىڭ دالاي لاماغا زىيارەت پۇرسىتى بېرىپ، ئۇنىڭ خىتاينى پارچىلايدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ« دىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، دالاي لاما ئەڭ بالدۇر دېگەندە دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىشى مۇمكىن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.