خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى


2005.03.11

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەتلەرنىڭ روھانىسى داھىسى دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ جۈمە كۈنى دالاي لامانىڭ تەلىپى توغرىسىدا توختىلىپ، دالاي لامانى خاتا مەۋقەدە چىڭ تۇرۇش، تىبەتتىكى تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئىلگىرلەشلەرگە كۆز يۈمۇش شۇنداقلا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تىبەت سىياسىتىنى بۇرمىلاش ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ليۇ جيەنچاۋ مۇنداق دەيدۇ: " مەركىز ھۆكۈمەتنىڭ دالاي لاماغا تۇتقان سىياسىتى ئېنىق ۋە ئىزچىللىققا ئىگە. بىز دالاي لامانىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز".

دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى دارامسالادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشتا، تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق ئۇ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلىگەن شۇنداقلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا تۇتقان سىياسىتىنى ئەيىپلىگەن ئىدى.

دالاي لاما، تىبەتلەرگە ئالى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلغان شۇنداقلا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغان ئوتتۇرا يولدا داۋاملىق ماڭىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. بىراق شۇنداقتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دالايلامانى داۋاملىق بۆلگۈنچىلىك قىلىشبىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.