دالاي لاما، دېموكراتىك ۋە ئەركىن تىبەتنىڭ روھانى داھىغا ئىھتىياجى قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، تىبەت ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئىگە دېموكراتىك تىبەتكە ئايلانغاندا، دالاي لامانىڭ ۋارىس قالدۇرۇش تۈزۈمى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 69 ياشتىكى دالاي لاما "ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى" دە ئېلان قىلغان باياناتىدا، " ئەگەر مەن تىبەتكە قايتىشتىن بۇرۇن ئۆلسەم، ئورنۇمغا يېڭى دالاي لاما تەيىنلىنىشى مۇمكىن،" دەپ تەكىتلىگەن. دالاي لامانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ تىبەتكە قايتالىسا ئۆلگەندىن كېيىن ئىزباسار قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايكەن.

دالاي لاما بۇ سۆزنى شىمالىي ھىندىستاندىكى تىبەت مۇساپىرلار دالاي لاما تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر چاغدا قىلدى. تىبەت تارىخىدا دالاي لامالىق مەرتىۋىسى 15 - ئەسىردە ئورنىتىلغان.

ھازىرقى دالاي لاما لامو دوندۇپ 1935 - يىلى 6 - ئىيۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1940 - يىلى 14 - دالاي لاما، دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ، 1959 - يىلدىكى تىبەت قوزغىلىڭىدىن بېرى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دارامسالادا ياشاپ كەلمەكتە.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بۇ يىل ئاپرىلدا يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تىبەتنى خىتاينىڭ بىر قىسىمى، دەپ تونىغان شۇنداقلا ھىندىستان زېمىنىدا خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشكە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى سىككىمنى ھىندىستاننىڭ زېمىنى، دەپ قوبۇل قىلغان.

دالاي لامانىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ھىندىستان بىلەن چوڭ ئىختىلاپى يوق ئىكەن، ئەمما ئۇ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن كۆپەرەك تىبەتنىڭ ئاپتونومىيىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)