دالاي لاما گېرمانىيىنىڭ "ھېسسېن تىنچلىق مۇكاپاتى" غا ئېرىشتى
2005.07.27
تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىيسى دالاي لاما دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە "سەۋرچان، كەمتەر ۋە كەڭ قورساق" بولغانلىقى بىلەن چارشەنبە كۈنى 11 - نۆۋەتلىك "ھېسسېن تىنچلىق مۇكاپاتى" غا ئېرىشتى.
گېرمانىيىنىڭ غەربىدىكى ھېسسې شىتاتىنىڭ باشلىقى رولاند كوچ دالاي لاماغا بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنىڭ ئالدىدا، "سىز دۇنيادىكى توقۇنۇشلارنى زوراۋانلىق قىلمايمۇ ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا تىپىك مىسال بولالايسىز" دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، رولاند كوچ 70 ياشلىق دالاي لامانىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى بولۇپ، ئۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ، دالاي لامانىڭ دۇنيادا تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ھارماس-تالماس ئەمگىكى شەرىپىگە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دالاي لاما مۇكاپاتنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر كومىتېتقا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، "مەن ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن." دېدى.
"ھېسسېن تىنچلىق مۇكاپاتى" غا ئېرىشكۈچىگە 25 مىڭ ياۋرو يەنى 29 مىڭ 9 يۈز ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات سوممىسى بېرىلىدۇ. دالاي لاما بۇنىڭدىن سىرت يەنە، 1989 - يىلى خەلقئارا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى، دالاي لامانىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تىبەتكە قايتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى چەتكە قاقتى
- خىتاي دائىرىلىرى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن شىۋىتسارىيىدە ئۇچراشتى
- دالاي لاما، دېموكراتىك ۋە ئەركىن تىبەتنىڭ روھانى داھىغا ئىھتىياجى قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- دالاي لاما ئەلچىلىرى پات ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنى كۈتمەكتە
- دالاي لاما تەيىنلىگەن بەنچەن لامانىڭ ئىز- دېرىكى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەسكەن