دالاي لاما تىبەت مەدىنىيىتىنىڭ 15 يىل ئىچىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى


2007.06.08

تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويمىسا، 15 يىل ئىچىدە زاۋاللىققا يۇز تۇتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان دالاي لاما جۈمە كۈنى مېلبورېندا مۇخبىرلارغا "بىزنىڭ مەقسىتىمىز مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " بىز تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ تىبەت تىلى ۋە تىبەتنىڭ مۇھىتىنى قوغداپ قالىدىغان ھەقىقى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتىمىز،" دەيدۇ.

دالاي لامانىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۇرغۇنلىغان تىبەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن سەۋر - تاقىتى تۈگەشكە باشلىغان. دالا لاما، " ئەگەر ۋەزىيەت كەلگۈسى 15 يىل ئىچىدە يەنە داۋام قىلسا،مېنىڭچە 15 يىلدىن كېيىن تىبەت تۈگەيدۇ، دېگەنلىكتۇر،" دەپ ئاگاھلاندۇردى.

دالاي لامانىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان ۋە ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى. شۇ سەۋەبتىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئەمەلدارلار دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قالغان بولۇپ، باش مىنىستىر جون خوۋارد دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋاقىت جەدۋىلى يار بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقىغا قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن دالاي لاما، ئەگەر جون خوۋارد ئۆزىنى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئەپسىز كۆرسە، بۇنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي، دالاي لامانى تىبەت جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى، دەپ ئېلان قىلىشقا قىستىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.